كۈندىلىك ئاڭلىتىش

كۈندىلىك ئاڭلىتىش

Download on the App Store

كۈندىلىك ئاڭلىتىش episodes

  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 9-ئۆكتەبىر)
    شوپۇر ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئەمەس لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەقىدە ئىسمائىل تېخىچە تۇتقۇندا، ئاقىۋىتى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ياۋروپا پارلامېنتى: لاگېرلار نامدىلا تاقالغان، ئۈچ مىليون كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. دەنھاگ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ستارباكسنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا كىرىشى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىنىڭ تور نۇسخسىنى تارقاتتى. خىتاي مىللەتلىرى گېزىتى: «يېڭى چىڭ تارىخى» مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى «نەزەرىيەۋى ئوق-دورا» بىلەن تەمىنلىمەكتە.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    16 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 2-ئۆكتەبىر)
    ئابدۇللا تومۇرنىڭ خىتايدىن بېقىۋالغان قىزىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ب د ت بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا لاگېر تۇتقۇنلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندا كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رومانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مىللەتلىرى فېستىۋالىغا قاتناشتى. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك كۆزىتىش تەمىنات زەنجىرى ئاشكارىلاندى. ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    16 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 25-سېنتەبىر)
    ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۇتۇۋېلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى. ۋاشىنگتوندا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى: خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق»لىرى ئۇنىڭ ئېغىر ئاجىز نۇقتىلىرىدۇر. ترامپ–شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ «قىزىل سىزىقلار» كۆرسىتىلگەن. غەرب دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى: ترامپ شى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت قىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ دۇبلىندىكى ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. پائالىيەتچى ۋە ژۇرنالىست تاھىر ئىمىن ئامېرىكا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    31 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 18-سېنتەبىر)

    ئابدۇللا تۆمۈر كۇچا 6-رايون ساقچىسىنىڭ «ئاكا-ئۇكا بولۇش» تەلىپىنى رەت قىلدى. د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە ساقلاش ئۈچۈن ھەرىكەتتە. «ئەركىنلىك سارايى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ زىيارىتىدىكى نامايىشچىلارنى قوغداشقا چاقىردى. تۈركىيە ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر ياشلىرى، ئاياللىرى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. "نىكاھ" سۆزى سەزگۈر سۆزگە ئايلانغان: خىتاينىڭ تەرجىمە دېتالى تالاش-تارتىش قوزغىدى. ئانتروپىك: خىتاي ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: خىتايغا ساياھەتكە بارغانلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن. 


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 11-سېنتەبىر)

    تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ خىتاي تۈرمىىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ترامپقا قارىتا چاقىرىقلىرىغا بىر خرىستىيان تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان دىني چەكلىمىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن. شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى. تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇقېييۇم خوجا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرائاتى سۈرۈشتە قىلىندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر زۇلۇم سىياستىگە ئون يىل بولدى.


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 4-سېنتەبىر)
    ساقچى خادىمى: ياتاقلىق يەسلى ئاشخانىسىدا چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ تۆت يىللىقىدا خەلقئارادىن ئەمەلىي ھەرىكەت تەلەپ قىلدى. بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم ستوكھولم رايونلۇق كېڭەش سايلىمىدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولدى. كۆزەتكۈچىلەر: ترامپنىڭ شى جىنپىڭ سۆھبىتىدە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قولىدا كۆزىرى بار. مەمەت توختى: خەلقئارا قانۇن بويىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. زۇمرەتئاي ئەركىن ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىكىگە سائلاندى. خەلقئارا ئەپۇ تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شۆبىسىنىڭ "ئۇيغۇرلارغا تەڭكەش بولۇش ئېيى" پائالىيىتى ئاخىرلاشتى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 28-ئاۋغۇست)

    خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى. پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان. ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.  يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى.


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 21-ئاۋغۇست)

    خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى پاش قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋېنگىرىيەدىكى 9-نۆۋەتلىك «ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيى»غا قاتناشتى. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 14-ئاۋغۇست)

    قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى. ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر. ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 7-ئاۋغۇست)

    «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ ۋاپات بولدى. ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا زاڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئادريان زېنز: يەنە 43 خىتاي كارخانىسى چەكلەش تىزىملىكىگە كىردى، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى يەنىلا زور. مەمەت توختى: خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزغان «ئۇزۇن قولى»نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا كەم دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    30 min

About كۈندىلىك ئاڭلىتىش

From the publisher's feed

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى

Hosted on Acast. See

More shows like كۈندىلىك ئاڭلىتىش

Eyes on Asia by RFA

Eyes on Asia

5 Listeners

ທັນເຫດການ ເມືອງລາວ by RFA

ທັນເຫດການ ເມືອງລາວ

2 Listeners

အာရ်အက်ဖ်အေ နေ့စဉ် အသံလွှင့် အစီအစဉ် by RFA

အာရ်အက်ဖ်အေ နေ့စဉ် အသံလွှင့် အစီအစဉ်

16 Listeners

གཏམ་གླེང་ཞལ་པར། by RFA

གཏམ་གླེང་ཞལ་པར།

0 Listeners

དབུས་སྐད་ལས་རིམ། by RFA

དབུས་སྐད་ལས་རིམ།

0 Listeners

South China Sea Currents by RFA

South China Sea Currents

0 Listeners

Góc khuất Việt Nam by RFA

Góc khuất Việt Nam

0 Listeners

ពហុព័ត៌មាន-RFA Khmer by RFA

ពហុព័ត៌មាន-RFA Khmer

5 Listeners

重點新聞 by RFA

重點新聞

5 Listeners

កម្ពុជាសប្ដាហ៍នេះ by RFA

កម្ពុជាសប្ដាហ៍នេះ

28 Listeners

ဒီတစ်ပတ်မှာ ပြောချင်စရာ by RFA

ဒီတစ်ပတ်မှာ ပြောချင်စရာ

3 Listeners

ཨམ་སྐད་ལས་རིམ། by RFA

ཨམ་སྐད་ལས་རིམ།

1 Listeners

ဟဟ ပါပဲ by RFA

ဟဟ ပါပဲ

0 Listeners

ເມືອງລາວໃນອາທິດນີ້ by RFA

ເມືອງລາວໃນອາທິດນີ້

0 Listeners

ཁམས་སྐད་ལས་རིམ། by RFA

ཁམས་སྐད་ལས་རིམ།

0 Listeners

སྐུ་ཕྲེང་རིམ་བྱོན་གྱི་མཛད་རྣམ། by RFA

སྐུ་ཕྲེང་རིམ་བྱོན་གྱི་མཛད་རྣམ།

2 Listeners

Bear East by RFA

Bear East

0 Listeners

聲如洪鍾 by RFA

聲如洪鍾

0 Listeners

香港人自由講 by RFA

香港人自由講

0 Listeners