بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلىتى-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى شۇنىڭدەك 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەربىي يۈرۈشنى باشلىغان كۈنى. دېمەك، ئەنە شۇ 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە 190 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئىگىلىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئىشغالىيەتكە شاھىت بولغان كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.