ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى، يات تۇپراقلاردا سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللارغا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئۇپۇقىدا پارلىغان ھۆرىيەت قۇياشىنىڭ ئۈمىد نۇرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە يىللارچە سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق سىياسىي سەرخىللار ۋەتەنگە قايتىشنىڭ جىددىي تەرەددۇتىغا كىرىشىدۇ.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.