ئابدۇلھەي روزى 1923-يىلى 10-نويابىردا يەتتەسۇدىكى كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كەتمەندە ئوقۇغان، غۇلجاغا بارغاندىن كېيىن رۇس گىمنازىيەسىدە ئوقۇغان. ئابدۇلھەي روزى خۇددى 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زىيا سەمەدى، زۇنۇن قادىرى ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ، 1931-1932-يىلى ئارىسىدا سوۋېت قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەردىن قاچقان مىڭلىغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىلىغا قېچىپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.