===== 华人在海外常使用的语言而编成的 -《光明之言》、《普罗大众的好消息》、《福音之声》 / "Words of Light, "Good News for All People", "Sounds of Gospel" - (Edited with languages spoken by "Chinese Oversea") ====

“两条路” - 維吾兒语.mp3


Listen Later

Uyghur - “The Two Roads”.mp3 //
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1 - ھەزرىتى ئەيسا - خۇدانىڭ كالامىدۇر1ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. 2ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 5نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. 6ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. 7ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق «ھەقىقىي نۇر»~غا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. 8يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر»~غا گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 9دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر. 10دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 11ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. 13بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ. 14«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق. 15يەھيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - مەن سىلەرگە:
 «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت» دېگەنىدىمغۇ. ئۇ دەل مۇشۇ كىشىدۇر! 16ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق. 17چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. 18خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.
...more
View all episodesView all episodes
Download on the App Store

===== 华人在海外常使用的语言而编成的 -《光明之言》、《普罗大众的好消息》、《福音之声》 / "Words of Light, "Good News for All People", "Sounds of Gospel" - (Edited with languages spoken by "Chinese Oversea") ====By Tze-John Liu