مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدا يىراقتىكى مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يۈرگۈزگەن ئوي-خىياللىرى، سوغۇققان تەپەككۇرى، پىلان لايىھەلىرى ۋە ۋەتەنداشلىرىغا يوللىغان چاقىرىقى، ئۇنىڭ 1937-يىلى كابۇلدا تۇرۇپ يازغان «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا خىتاب» ناملىق مۇراجىئەتنامىسىدە ئەكس-ئەتكەن ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەزكۇر مۇراجىتىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن باشلايدۇ: «ئەزىز ۋەتەنداشلار، شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرى! سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ۋە ئۇلۇغ مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى پاجىئە ھەم پالاكەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېيتىپ، ئەپسۇسلۇق ۋە نادامەتلەر قىلىپ يۈرگەننىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق. بەلكى بۇ ئەپسۇسلۇقلار ۋە نادامەتلەر كۈندىن-كۈنگە ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغان دەھشەتلىك خەۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئۈمىدسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئىنساننى، ھەر بىر ۋەتەن پەرزەنتىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان ۋەتەن-مىللەت خىزمىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ تەرك ئېتىلىش سەۋەبى بىلەن دۇنيادا خورلۇق ۋە مىسكىنلىككە مۇپتىلا بولۇپ، ئاخىرەتتە ئايەت كەرىمدە بىلدۈرۈلگىنىدەك: ‹دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ› » .