مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرىسىدە يازغىنىدەك، تەكلىپ لايىھەسىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «تۈرك» مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش دېگەندەك ماددىلار، چېن گوفۇ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللەرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە مەتبۇئات ئارقىلىق قارشى تۇرۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى خىتايچە سۆز ئويۇنى ئارقىلىق يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، خىتاي قەدىمكى تارىخىنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ يېزىش بىلەن نام چىقارغان خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭنى «مەتبۇئات كۈرىشى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىرىدۇ».