ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق ئۇيغۇر شائىرى، مىللەتپەرۋەر زىيالى ئەخمەت ئىگەمبەردى «مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى»نىڭ بۇ سانىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مۇرات ھەمرايېۋنىڭ ئۇيغۇرىستانسىز ئۆزبېكچە شېئىر توپلىمى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. مۇرات ھەمرايېف ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 1957-1960-يىللاردا تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتىدا ساۋاقداشى ۋە دوستى بولۇپ، مۇرات ھەمرايېفنىڭ بىرىنچى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى رۇسچە ۋە ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى.