قاچان ئارام ئالسىز ئانا؟
ماشىنا ئادەم ئەمەسسىز ئانا
قاچانغىچە ئىشلەيسىز يانا
قرىق ياشتىن ئاشتىڭىز مانا
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا
بۇ بالىلار ئويلامدۇ سىزنى
ئويلامدۇ دان بەرگەن ئىڭىزنى
سىز باققاندەك باقامدۇ سىزنى
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا
كۆكسى - قارنىڭىز شۇنچىلىك كەڭكەن
سىلىشتۇرسا ئالەمگە تەڭكەن
ئانا بولماق شۇنداق بىر جەڭكەن
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا
بالام دەپلا جاپالار چەككەن
زۆرۈر بولسا جىنىدىن كەچكەن
قايسى بالاڭ قەدىرىڭگە يەتكەن
قاچان ئارام ئالىسىز دادا
ئادەمدە چەكلىك بۇلىدۇ ئۆمۈر
سىزدىكى جان ئەمەسقۇ تۆمۈر
بالىلار مەش سىز بۇلۇپ كۆمۈر
قاچان ئارام ئالىسىز ئانا
دەردىڭىز بار يىتىپ ئاشقۇچە
ئىشلىدىڭىز يەتمىش ياشقىچە
كۆرۈنىسز شۇڭا باشقىچە
قاچان ئارام ئالىسىزئانا
ئاناچەككەن جاپاغا قاراپ
مەن ئۆزەمنى باسالمىدىمغۇ
ھەممە نەرسە تاپتىم بازاردىن
بىر ئانامنى تاپالمىدىمغۇ
قەدىرلەيلى ئانىنى دوسلار
ھەممە ئىشنىڭ بۇلار قايدىسى
ئۈلۈپ كەتسە ئاشۇ ئانىلار
يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى
مەزكۇر شىئىرنى جاپاكەش ئانىلار غا بىغىشلاپ يىزىلدى .
يۇقارقى شىئىر دوستلار چەمبىركىدىن ئېلىندى ، ئىرىشكەن مەنبەدە شائىر توغۇرلۇق ئۇچۇر بولمىغاچ شائىرنى ئاتاپ ئۆتۈشكە ئىمكان بولماي قالدى ، ئەسلى مەنبە شائىرنى بىلىدىغان دوستلارنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا يېزىپ قالدۇرشىنى ئۈمۈدقىلىمىز ، رەھمەت .
ياقتۇرغان بولسىڭىز ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلاننى بېسىپ بىزنى قوللاپ قۇيۇڭ ... چۈنكى قوللاشتىن نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلار ۋۇجۇتقا كىلىدۇ ئەمەسمۇ