ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يېرىم يىلىدا كەشمىر بىلەن دېھلى ۋە بومباي ئارىلىقىدا تىنىمسىز قاتراپ، ئاسارەتتىكى ۋەتىنى ئۈچۈن تاشقىي دۇنيادىن مەدەت ئىزدىگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1935-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، ھىندىستاندا داۋاملىق تۇرۇشنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىن كېتىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1934-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى لاداققا كىردىم. كەشمىر ۋە ئەمرەتسەر قاتارلىق شەھەرلەردە تۇردۇم. دېھلى ۋە بومبايغا باردىم، مۇھىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ھىندىساندا تۇرغان مەزگىلدە شۇ قانائەتكە كەلدىمكى، چەت ئەلدە ۋەتىنىم ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىش قىلىش ئۇ زاماننىڭ دۇنيا سىياسىتىگە ھېچ توغرا كەلمەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، يۇرتنىڭ تاغلىق جايلىرىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، پۇرسىتى كەلگەندە ئىستىقلال ئېلان قىلىش پىلانى بىلەن يۇرتقا قايتىشنى قارار قىلدىم. ئائىلەمنى ھىجازغا يولغا سالدىم، ئاندىن 15 ئادىمىم بىلەن سودىگەر قىياپىتىگە كىرىپ، ئىسمىمنى ئابدۇللا يەركەندى دەپ ئۆزگەرتىپ، مەخپىي سۈرەتتە 1935-يىلى 2-ئايدا يولغا چىقتىم».