بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىچكىي قۇرۇقلۇق دۆلىتى ئافغانىستان، 1930-يىللاردا ھەم رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قاچقان «قۇرباشى» (باسماچى) لارنىڭ، ھەم ئەنگىلىيەگە قارشى ھىندى مۇستەقىلچىلىرىنىڭ، ھەم شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ پاناھگاھىغا ئايلانغان ئىدى. يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پورۇخ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراشقا باشلىغان بۇ يىللاردا ئۆزىنى بىتەرەپ دەپ ئېلان قىلغان ئافغانىستان پادىشاھلىقى، يەنە بىر جەھەتتىن دۇنيادىكى بۈيۈك كۈچلەرنىڭ ئاسىيادىكى «شاھمات تاختىسى» بولۇپ قالغان ئىدى. شىمالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، جەنۇبتا ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى، شەرقىي ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن ياپونىيە، ياۋروپادا كۈنسايىن زورىيىۋاتقان گېرمانىيە، شۇنداقلا ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە جۇمھۇرىيەت جاكارلىغان مۇستافا كامال تۈركىيەسى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كابۇلدىكى دىپلوماتىيەلىك ۋە ئىستىخبارات توپلاش ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن كۈچەيگە ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق 1935-يىلى سېنتەبىر ئايلىرىدا كابۇلغا كېلىدۇ.