Sign up to save your podcastsEmail addressPasswordRegisterOrContinue with GoogleAlready have an account? Log in here.
ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.... more
FAQs about تارىخ-بۈگۈن:How many episodes does تارىخ-بۈگۈن have?The podcast currently has 39 episodes available.
May 30, 2024تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەت (1)20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بەتلىرىنىڭ بىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بۇ زىيالىيلارنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلاردۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more11minPlay
April 11, 2024تارىخ-بۈگۈن | ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۆلمەس ئۇيغۇر رەھبىرى-ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىغا 110 يىل2024-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي داھىيسى، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىدۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more13minPlay
March 28, 2024تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھىيىتى ۋەكىللىرىدىن بىرىبۇ يىل ئۆزىنىڭ 88 ياشلىقىنى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان تالانتلىق ئەدىب، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتپەرۋەرلىك شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، سۇنماس مىللەتپەرۋەر، 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ شاھىتى دەپ ھېسابلانغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيەت قوشۇلدى. بۇ بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ 4 توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more13minPlay
March 14, 2024تارىخ-بۈگۈن | 100 يىلغا تەڭ 70 يىللىق ئىجادىيەت: ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىچەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش بولۇپ رەتلەپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 88 ياشلىق پېشقەدەم ئەدىب، شائىر، 1940-يىللاردىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىي جەريانلىرىنىڭ شاھىتى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 70 يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان تۆت توملۇق تاللانما ئەسەرلىرى رەسمىي نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ھاياتىدىكى بۇ يېڭىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more16minPlay
February 22, 2024تارىخ-بۈگۈن | پروفېسسور ئابلەت خوجايېف: خەن سۇلالىسىنىڭ «دۇخۇفۇ» سى ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئىگىلەش ۋە جاسۇسلۇق ئورنىدۇرئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت خوجايېف خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تارىخچىلىرى دەۋاتقان «دۇخۇ مەھكىمىسى» ئارقىلىق «شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقى» نىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايچە سۆز «دۇخۇ» ۋە دۇخۇفۇ» دېگەنلەرنى تەھلىل قىلغاندا بۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇقۇمى بەرمەيدۇ. تەسىس قىلىنغان «دۇخۇ» لار ئەمەلىيەتتە «غەربىي يۇرت» نىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇچۇر توپلايدىغان، يەنى جاسۇسلۇق قىلىدىغان ھەم ھازىرقى تىل بويىچە ئالغاندا بەلكى كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇرىدىغان كىشىلەردۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more12minPlay
February 08, 2024تارىخ-بۈگۈن | پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئوق-يىلتىزى، يەنى تۈپ ئېتنىك مەنبەسى يۈئېجى-ئوغۇزلاردۇرئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلار ئېتنىك جەھەتتىن پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئاساسلىق جايدۇر. ئۇ، قەدىمكى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان نەچچە ئونلىغان قەبىلىلەر ئىچىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە تۇتاشقان يۈئېجى ياكى كېيىنكىلەر ياۋچى دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ «ئوغۇز»، «ئوغۇزىيە» سۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more17minPlay
January 25, 2024تارىخ-بۈگۈن | ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغانئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى كۈندە رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تور بەت ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more10minPlay
January 04, 2024تارىخ-بۈگۈن | پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: «مەقسىتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېڭىيىش تارىخىدىن ساۋاق ئالدۇرۇش»مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى ئەسىرلەر تارىخىنى خىتاي مەنبەلىرى بويىچە تەتقىق قىلىشتا زور نوپۇزغا ئىگە بولغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىملىرىدىن بىرى ئابلەت خوجايېفنىڭ «خىتاينىڭ غەربىي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» ماۋزۇلۇق رۇس تىلىدا يېزىلغانن تەتقىقات كىتابى يېقىندا تاشكەنت شەھىرىدەيورۇق كۆردى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزەرلىرى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە مۇخالىپ قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more17minPlay
October 19, 2023ئابدۇلھەي روزى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇنتۇلماس ۋەكىلى (1)ئابدۇلھەي روزى 1923-يىلى 10-نويابىردا يەتتەسۇدىكى كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كەتمەندە ئوقۇغان، غۇلجاغا بارغاندىن كېيىن رۇس گىمنازىيەسىدە ئوقۇغان. ئابدۇلھەي روزى خۇددى 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زىيا سەمەدى، زۇنۇن قادىرى ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ، 1931-1932-يىلى ئارىسىدا سوۋېت قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەردىن قاچقان مىڭلىغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىلىغا قېچىپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more12minPlay
October 05, 2023مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى: خاتا ئارمىيەنى قارشى ئېلىش (20)بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلىتى-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى شۇنىڭدەك 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەربىي يۈرۈشنى باشلىغان كۈنى. دېمەك، ئەنە شۇ 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە 190 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئىگىلىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئىشغالىيەتكە شاھىت بولغان كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more13minPlay
FAQs about تارىخ-بۈگۈن:How many episodes does تارىخ-بۈگۈن have?The podcast currently has 39 episodes available.