Sign up to save your podcastsEmail addressPasswordRegisterOrContinue with GoogleAlready have an account? Log in here.
FAQs about يورۇق ساھىللار:How many episodes does يورۇق ساھىللار have?The podcast currently has 39 episodes available.
October 10, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (37): خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭ بىلەن بولغان «قەلەم كۈرىشى» نىڭ باشلىنىشىمۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرىسىدە يازغىنىدەك، تەكلىپ لايىھەسىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «تۈرك» مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش دېگەندەك ماددىلار، چېن گوفۇ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللەرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە مەتبۇئات ئارقىلىق قارشى تۇرۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى خىتايچە سۆز ئويۇنى ئارقىلىق يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، خىتاي قەدىمكى تارىخىنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ يېزىش بىلەن نام چىقارغان خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭنى «مەتبۇئات كۈرىشى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىرىدۇ». Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more13minPlay
September 27, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (36): گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا سۇنۇلغان «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى»گومىنداڭ مەركىزىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1944-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نى تەييارلاپ چىققان. مەزكۇر «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا يوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «داگوڭباۋ» (大公报) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more14minPlay
September 12, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (35) : گومىنداڭ مەركىزىدە قەلەم كۈرىشى ۋە مەتبۇئات ئىنقىلابىمۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1943-يىلى 4-ئايدا كالكۇتتادىن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چۇڭچىڭغا يېتىپ بارغاندا، ئىچكىي خىتاينىڭ نەنجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە لەنجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كىچىك كۆلەملىك بىر جامائىتى مەۋجۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت تەھلىكىسى ھەمدە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تەقىپلىرىدىن قېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە پاناھلىنىۋاتقان سىياسىي شەخسلەر، چوڭ سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرىدىن تەركىب تاپقان كىشىلەر ئىدى. شۇ يىللاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسئۇت سابىرى بىلەن ئەيسا ئەپەندى، ئىچكىي خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ يېتەكچىلىرى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ چۇڭچىڭغا بېرىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كىشى، كېيىنچە «ئۈچ ئەپەندى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more15minPlay
August 29, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (34): خىتاي پايتەختى چوڭچىڭدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەرخىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلى 4-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا يېتىپ بارىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرەسىگە قارىغاندا، ئۇنى چوڭچىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى كۈتۈۋالىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more15minPlay
July 11, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (33) : بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چىقارغان مۇراجىئەت1943-يىلى 2-ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ئىنگلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى؛ 4-ئايغا كەلگەندە خانىمى ئامىنە بۇغرانى ئېلىپ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى مۇھاجىرەت يىللىرى (1934-1943) دىكى سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى ئاز كەم ئون يىللىق بىرىنچى ھىجرەت مەزگىلى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى قايتا ئويلىنىش، تارىخىي ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش، مىللىي تارىخ مۇنارىنى تىكلەش، دىپلوماتىيەلىك دىيالوگ قۇرۇش ۋە مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش جەريانى بولغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more16minPlay
June 20, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (32): ئىنگلىز تۈرمىسىدىن چىقىش ۋە خىتاي مەركىزىگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇش1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەن ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان؛ ئافغانىستاندىكى ھىجرەت يىللىرىدا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بىر مەھەل مەخپىي ئالاقىلەر قۇرغان؛ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت ئابىدە ئەسەرنى يېزىپ چىققان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن خىتاي مەركىزىگە بېرىش يولىنى تاللىۋالدى؟ بۇ ئۇنىڭ قوراللىق ئىنقىلاب يولىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ياكى سىياسىي مۇرەسسە يولىنى تاللىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ ۋە ياكى ماكان ۋە زاماننىڭ قىستىشى، شۇنداقلا خىتاي مەركىزىگە بېرىشقا مەجبۇر قالغانلىقىدىن بولغانمۇ؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more16minPlay
June 06, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (31): ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ۋە ھىندىستاندا قولغا ئېلىنىشمۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىندىستانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن كالكۇتتادىن راۋالپىندىدىكى ئائىلەمنىڭ قېشىغا كېلەر-كەلمەيلا، ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىگە ئېلىندىم. 4-ئاينىڭ 29-كۈنى پىشاۋۇر ساقچىسىنىڭ قولىدا ئېلىپ قېلىنغان تۆت ساندۇق كىتابىمنى ئالغىلى پىشاۋۇرغا بارغىنىمدا، ئۇلار مەخپىي ساقچى باشلىقىنىڭ دېھلىدىن كەلگەن بىر بۇيرۇقىنى ماڭا بىلدۈردى. بۇيرۇقتا ھىندىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ تېزلىك بىلەن ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مەن، قولۇمدا پۇلۇم بولمىغانلىقتىن باشقا بىر يەرگە كېتىشىم مۇمكىن ئەمەس، دېدىم. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇلار مېنى پىشاۋۇر مەركىزىي تۈرمىگە قامىدى. راۋالپىندىدە ئائىلەمگە قاراۋاتقان بىر نەۋرە تۇغقىنىم ئابدۇلكەرىم ھاجىنىمۇ مېنى قامىغان تۈرمىگە قامىدى.» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more14minPlay
May 23, 2023مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (30): كابۇلدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا قايتىشئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ مەزگىلگە كىرگەن، دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەرتىپىنى قايسى تەرەپنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغان بىر پەيتتە، يەنى 1942-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كابۇلدىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇنداقتا، ئافغانىستاندا 7-8 يىلدەك سىياسىي مۇساپىر بولۇپ ياشىغان بۇغرا نېمە ئۈچۈن ھىندىستانغا قايتتى؛ ئۇنىڭ كابۇلدىن ئايرىلىپ يېڭى چىقىش يول ئىزدىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل زادى نېمە؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more15minPlay
August 17, 2022Eset Kutlan-Yoruq Sahillar yengi sani-14Yoruq Sahillar yengi sani--Muhemmed emin bughra (14): xoten hökümitining sherqiy türkistan islam jumhuriyiti bilen bolghan munasiwiti Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more13minPlay
August 11, 2022Eset Kutlan Yoruq Sahillar programmisiNo Summary Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information....more11minPlay
FAQs about يورۇق ساھىللار:How many episodes does يورۇق ساھىللار have?The podcast currently has 39 episodes available.