يورۇق ساھىللار

يورۇق ساھىللار

Download on the App Store

يورۇق ساھىللار episodes

  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (47): «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!»
    بۇغراغا قىلىنغان بۇ سۇيىقەست پاش بولغاندىن كېيىن، خوتەندە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى گېنېرال جاڭ جىجۇڭ خوتەنگە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، بۇغرانىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇغرا كەسكىنلىك بىلەن: «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقىمنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!» دەپ جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (46): خوتەن ۋىلايتىدە دېموكراتىك سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەتتىن كېيىن ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە 5 يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس يىللار بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ۋە گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى، بۇغرانىڭ سىياسىي كۈرەش ھاياتىدىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كەسكىن سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    14 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (45): «ئالتاي» نەشرىياتى ئەتراپىدا
    «ئالتاي» نەشرىياتى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، بىر مىللەتچى پارتىيە قۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما شەرت-شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك «ئالتاي» نەشرىياتى نامىدا بىر ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنى كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى مىللەتچى پارتىيەنىڭ ئاساسى قىلماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    14 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (44): «ئالتاي» مەجمۇئەسىدىن «ئالتاي» نەشرىياتىغىچە
    20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدا «ئالتاي» نامىدا چىقىرىلغان ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بىلەن كېيىنچە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتى ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىدا 1943-يىلىدىن باشلاپ «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ باش مۇھەررىرىلىكىنى، شۇنداقلا 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭمۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (43) : «ئون بىر بىتىم» ۋە «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» توغرىسىدىكى جىددىي تارتىشمىلار
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللەتچىلەر گۇرۇھىدىكى سەرخىللار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق سۆھبىتى» گە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئەمما ئۇلار كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە 8 ئايغا سوزۇلغان «تىنچلىق سۆھبىتى» نىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ بولغان مىللىي ئارمىيەنىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى قالقان قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلىپىنى، ھېچ بولمىغاندا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، «تىنچلىق سۆھبىتى» ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى، ئۇنىڭ نەتىجىسى بۇغرانى شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (42): ئالىي مۇختارىيەتتىن مۇستەقىللىققىچە
    مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مەيلى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بولسۇن ياكى «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاداققى مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئارىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ياكى تايانماسلىق مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    14 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (41) : «ئۈرۈمچى سۆھبىتى» ۋە ۋەتەنگە قايتىش
    ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى، يات تۇپراقلاردا سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللارغا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئۇپۇقىدا پارلىغان ھۆرىيەت قۇياشىنىڭ ئۈمىد نۇرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە يىللارچە سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق سىياسىي سەرخىللار ۋەتەنگە قايتىشنىڭ جىددىي تەرەددۇتىغا كىرىشىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (40): «ۋەتەن تۇپراقلىرى كۆزىمىزگە سۈرمە بولسۇن!»
    شەرقىي تۈركىستاننىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي مۇجادىلە تارىخىدا بىر ئىنقىلابچى، بىر قوماندان، بىر مۇدەررىس، بىر تارىخچى ۋە بىر سىياسىي كۈرەشچى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ باشقىلار ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن يەنە بىر ئالاھىدە ئەدەبىي كىشىلىكى مەۋجۇتكى، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇنىڭ بارلىقىنى ۋەتىنىگە تەسەددۇق ئەيلىگەن شائىرلىق دۇنياسىدۇر!

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (39): گومىنداڭ مەركىزىدە شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق گومىنداڭ مەركىزىدە ۋاقىتلىق سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىيونلارنىڭ 1945-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭچىڭدا ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى-مىلىتارىست شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتى بولغان ئىدى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (38): «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا، شۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى؛ خىتايدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن تارىخچى جيەن بوزەن، ئەدىب گومورۇ قاتارلىقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىپ، بۇغرانى غالىپ، لى دۇڭفاڭنى مەغلۇپ دەپ ئېيتقانلىقىنى؛ ھەتتا خىتاي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سۇن كې (سۇن جۇڭشەننىڭ ئوغلى)، خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ يوۋرېن قاتارلىق يۇقىرى قاتلام خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭمۇ بۇغرا كەلتۈرگەن «كۈچلۈك ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقى» نى تىلغا ئالىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    15 min

About يورۇق ساھىللار

From the publisher's feed

ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.